بۇش خىتايغا قارىتىلغان قورال چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى


2005.02.22

ياۋروپانى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش سەيشەنبە كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدە تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندىن كىيىن، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە، "بىزنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنىمىز، خىتايغا قورال سېتىپ بەرگەنلىك، خىتايغا ھەربىي تېخنىكىلارنى يەتكۈزگەنلىك. بۇ، تەيۋەن بوغۇزىدىكى مۇناسىۋەتلەر تەڭپۇڭلىقىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ" دېدى.

پرېزىدېنت بۇشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋرۇپا رەھبەرلىرى ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، بۇنى ھەل قىلىدىغان لايىھە تۈزۈپ چىقىدىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، فرانسىيە پرېزىدېنتى جەك شىراك بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسى مەسىلىسى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى بولغان.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپ سۆھبەتتە بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن. جەك شىراك، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشتا قانداق شەرت قويۇش مەسىلىسىدە، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ چوقۇم ئورتاق پىكىرگە كېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ ئارىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزىۋاتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىرغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.