ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش بريۇسسېلدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ چارشەنبە كۈنى گېرمانىيىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ بۇ يەردە گېرمانىيە باش مىنىستىرى گېرخارد شرويدېر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىران يادرو مەسىلىسى، سۈرىيىنىڭ لىۋاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشى ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.
ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە، بۇش ۋە شرويدېر ھەر ئىككىلىسى ئىراندا يادرو قوراللىرى بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئەمما ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى تەرەققىياتىنى قانداق قىلىپ توختىتىش مەسىلىسىدە تېخى بىرلىككە كەلمىدى.
بۇش بىلەن شرويدېر يەنە، ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا تەڭ قاتناشتى. بۇش يىغىندا شرويدېرنىڭ ئىراندا يادرو قوراللىرىنىڭ بولماسلىقىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى تەرىپلەپ، "ئىراننىڭ، پۈتۈن دۇنيا ئوخشاش بىر ئاۋازدا يادرو قوراللىرىنىڭ بولماسلىقىنى تەكىتلىشىنى ئاڭلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە" دېدى.
شرويدېرمۇ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، "بىز ئىراننىڭ ھەر قانداق يادرو قوراللىرىغا ' ياق' دىيىشى كېرەكلىكىگە تامامەن قوشۇلىمىز. ئىران يادرو تەرەققىياتىنى پۈتۈنلەي توختىتىشى كېرەك" دېدى.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە، شرويدېر ئىراق ئارمىيىسىنى چېنىقتۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ئەمما ئۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىراقنىڭ سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى شەرت قىلغان. بۇش گېرمانىيىدە 9 سائەت تۇرغان بولۇپ، ئۇ يەنە پەيشەنبە كۈنى سلوۋاكىيىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشمەكچى. (پەرىدە)