ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش جۈمە كۈنى ياۋروپادىكى رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىش سەپىرىنى باشلىدى.
پرېزىدېنت بۇش شۇ كۈنى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى لاتۋىيىگە يېتىپ بارغان. پرېزىدېنت بۇش لاتۋىيىدىن كېيىن رۇسىيە ، گوللاندىيە ۋە گروزىيىلەرنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ، موسكۋادا 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن. بۇ ئارىدا رۇسىيە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لاتۋىيە قاتارلىق بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدىكى 50 يىللىق قوشۇن تۇرغۇزۇش ھەرىكىتىنى ئامېرىكىنىڭ " ئىشغالىيەت،" دەپ ئاتىغانلىقى قارشى ئېلىنمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
كرىمىلىن سارىيى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بالتىق دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما پرېزىدېنت بۇش، سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا لاتۋىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "مەن لاتۋىيىلىكلەر، لېتۋالىقلار ۋە ئىستونىيىلىكلەر بۇنى تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى رۇسىيە پرېزىدېنتىگە يەتكۈزىمەن" دېدى.
پرېزىدېنت بۇش، دۈشەنبە كۈنى موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا "ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى" نىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. مەتبۇئاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇش بۇ جەرياندا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسىنى بۇ يىل 9 - ئايدا ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىدىكەن. ئۇ، گوللاندىيىدىكى سەپىرىدە بۇ يەردىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.
گروزىيە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ياۋروپا سەپىرىدىكى ئاخىرقى بىكەت. ئۇ، تىبلىستىكى ھۆرىيەت مەيدانىدا گروزىيىلىكلەرگە سۆز قىلىپ، گروزىيىنىڭ دېموكراتىك يولغا ماڭغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ. (ئەركىن)