ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئىراقتا قازا قىلغان بىر نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئاپىسىغا "ھېسداشلىق" قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلدى.
پرېزىدېنت بۇش تېكساستىكى داچىسىدا بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇ قازا قىلغان ئەسكەرنىڭ ئاپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈپ چىقىشنىڭ، بۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر چوڭ خاتالىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىراقتا قازا قىلغان ھەر بىر ئەسكەر ئۈچۈن چوڭقۇر قايغۇرىدىغانلىقىنى، لېكىن ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش پەيتى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.
كالىفورنىيىلىك سىندىي شىخاننىڭ 24 ياشلىق ئوغلى ئۆتكەن يىلى 4 - ئايدا ئىراقتا قازا قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن شەنبە كۈنىدىن باشلاپ بۇشنىڭ تېكساستىكى داچىسى ئالدىغا كېلىپ نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە بۇشنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى. سىندىي يەنە، بۇش بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشمىگىچە كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ھازىر ئامېرىكىدىكى ئۇرۇشقا قارشى ھەرىكەتنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالدى. (پەرىدە)