جورج بۇش ئىراق ئۇرۇشى ۋە تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى


2005.10.06

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىدا ئىراق ئۇرۇشى ۋە تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى.

جورج بۇش نۇتۇقىدا، ئۆزىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش مەيدانىدىن ۋاز كەچمەي چۈشەندۈرۈپ، ئىراقنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتىكى ئالدىنقى سەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جورج بۇش 40 مىنۇتچە داۋاملاشقان نۇتۇقىدا يەنە، ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشتە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئىسلام رادىكالىزىمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىدە " ئىسلام رادىكالىزىمى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىنكار قىلىدىغان بىر دېكتاتور ئىدىئولوگىيە. ئۇ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنى" دەپ كۆرسەتتى.

جورج بۇشنىڭ بۇ نۇتۇقى ئېلان قىلىنغان ۋاقتى دەل ، ئامېرىكا جامائەتچىلىكى جورج بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراققا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان قوللاش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىگەن بىر مەزگىلىگە توغرا كەلدى.

نۆۋەتتە ئىراقلىقلارنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنى ھەققىدە ھەل قىلغۇچ ئومۇمىي خەلق سايلىمى ئېلىپ بېرىشىغا ئىككى ھەپتىمۇ ۋاقىت قالمىدى. جورج بۇش ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما ئۇ ئىراقتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.