ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ
2005.10.17
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بۇ يىل نويابىردا ياپونىيە، خىتاي، جەنۇبىي كورىيە ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ موڭغولىيىنى زىيارەت قىلسا، بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ 1945 - يىلى يالتا يىغىنىدا موڭغۇلىيە مۇستەقىللىقى ئېتىراپ قىلىنغاندىن بېرى، تۇنجى قېتىم مەزكۇر دۆلەتنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالىدۇ.
ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى سكوت مىكلىلان، دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنت بۇشنىڭ يۇقىرىقى دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خىتاي پرېزىدېنت بۇشنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بېكىتى. ئۇنىڭ زىيارىتى 18 ۋە 19 - نويابىرلاردا جەنۇبىي كورىيىنىڭ بۇسان شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
پرېزىدېنت بۇشنىڭ زىيارىتى خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سودا رىقابىتى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلمەكتە. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۆتكەن ھەپتە توقۇلما بۇيۇملار ئېكسپورتى بويىچە بېيجىڭدا 5 - قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما سۆھبەت مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇش ھۆكۈمىتىدىن خەلق پۇلى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- جورج بۇش ئىراق ئۇرۇشى ۋە تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى
- خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا بىلەن بولغان سۈركۈلۈشنى ئازايتىش ھەققىدە ۋەدە بەردى
- خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇش نيۇ - يوركتا ئۇچرىشىدۇ
- بۇش قازا قىلغان ئەسكەرنىڭ ئاپىسىغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
- بۇش، ئىراق باش مىنىستىرى جافارى بىلەن ئاق سارايدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى