پرېزىدېنت بۇش ئاسىيا زىيارىتىنى باشلىدى


2005.11.14

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراتقان سەككىز كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. جۇرج بۇش بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا، ياپونىيە، جەنۇبى كورىيە، خىتاي ۋە موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلىدۇ.

پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئاسىيا زىيارىتىدىكى تۇنجى بېكىتى ياپونىيە. ئۇ توكيودا ياپونىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن سودا ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، جەنۇبىي كورىيىنىڭ باسان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يېغىنىغا قاتنىشىدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇش يىغىندا، ئاسىيا دۆلەت رەھبەرلىرىنى كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىك خاراكتېرلىك قوراللارنى چەكلەشكە كۈچ چىقىرىشقا، قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىغا تەييارلىق كۆرۈشكە شۇنداقلا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرىدىكەن.

جۇرج بۇشنىڭ بولۇپمۇ خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى نۇرغۇن سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.