بۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلققە تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك بېرىشكە چاقىردى

ياپونىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج W بۇش چارشەنبە كۈنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۇبىي كورىيىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ چارشەنبە كۈنى ياپونىيىدىكى چېغىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالىرىغا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ۋە دىنىي ئەركىن ئەركىنلىك بېرىشىنى ھەمدە تەيۋەننى دېموكراتىك جەمئىيەتنىڭ ئۈلگىسى دەپ قارىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇش بۇ سۆزلىرىنى يەنە، تەيۋەننىڭ ھەر جەھەتتە ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق خەلققە ئاۋاتلىق ئاتا قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئەركىن جەمئىيەتكە ئايلىنىشتىن قورقماسلىقىنى چۈنكى ئەركىن جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇنىڭغا قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بۇشنىڭ بۇ پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئاسىيا تىنچ-ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا مۇخبىرلارغا، خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ ئىككى ئايرىم گەۋدە دەپ قارالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

پرېزىدېنت بۇش، ۋاشىنگتوننىڭ "بىر جۇڭگو" پرىنسىپىنى ياقلايدىغانلىقىنى ھەمدە ئىككى تەرەپنى، ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تىنچ يولدا ھەل قىلىشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇش جەنۇبىي كورىيىدىكى سەپىرىدىن كېيىن 19 -نويابىر كۈنى خىتايغا زىيارەتكە بارماقچى. (پەرىدە)