بۇش خىتايدا دېموكراتىيە ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى تەكىتلىدى


2005.11.20

19 -نويابىر كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش يەكشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالىرىغا تېخىمۇ كۆپ دېموكراتىيە ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پرېزىدېنت بۇش يەكشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىكى بىر چېركاۋغا بېرىپ، بۇ يەردىكى دىنىي خادىملار بىلەن بىرلىكتە دىنىي رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگەن. ئاندىن ئۇ خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ پۇقرالىرىغا تېخىمۇ كۆپ دېموكراتىيە ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بۇ يولدا يەنە بېسىشقا تېگىشلىك ئۇزۇن مۇساپىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە، "خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھات جەريانىدا، خىتاي رەھبەرلىرىمۇ ئەركىنلىككە قارالغان ئىشىكنىڭ قىيا ئېچىلغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئىشىكنىڭ ئەمدى يېپىلمايدىغانلىقىنى بايقىدى. خىتاي خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىككە بولغان چاقىرىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ" دېدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ خەلق سارىيىدا بۇش بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاللىبۇرۇن دېموكراتىيە ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ سۆزىگە قارىتا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس، خىتاي گەرچە مەلۇم ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تۈزۈلمىسىنىڭ رىقابەتنى تەرغىپ قىلىدىغان دېموكراتىك تۈزۈلمە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۇش خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن سەل بۇرۇن، ئاق ساراي شەنبە كۈنى، پرېزىدېنت بۇشنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە دىنىي ئەركىنلىك، سودا ۋە خەلق پۇلى بىلەن دوللارنىڭ تېگىشىش نىسبىتى مەسىلىلىرىدە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇنىڭ زىيارىتىنى تولۇق بېرىشى كېرەكلىكىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقى، بۇشنىڭ دېموكراتىيە ۋە دىنىي ئەركىنلىك توغرىسىدىكى چاقىرىقلىرىغا ھېچقانچە ئورۇن بەرمەستىن، ئىككى تەرەپنىڭ قانداق ئورتاقلىقلارغا كېلىشكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.