پرېزىدېنت بۇش ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى دۇنيادا مۇستەبىتلىككە خاتىمە بېرىش، دېدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش سەيشەنبە كۈنى كەچتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى- تاشقى ۋەزىيىتى ۋە سىياسىتىنى شەرھلىدى. نۇتىقىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پرېزىدېنت بۇش، ئامېرىكىنىڭ 2025 ‏- يىلىغىچە ئوتتۇرا شەرقتىن ئىمپورت قىلىۋاتقان نېفىت مىقدارىنى 75% ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت بۇش سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن- مۇددەتلىك پىلانى " دۇنيارىمىزدا مۇستەبىتلىككە خاتىمە بېرىش" دەپ كۆرسەتتى.

پرېزىدېنت بۇش، دۇنيادا دېموكراتىيىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇرۇنقى سۆزلىرىگە سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن ئېھتىياتچان ئىبارىلەرنى قوللاندى. ئۇنىڭ نۇتىقىنىڭ تاشقى ۋەزىيەتكە دائىر قىسمى ئاساسەن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە بېغىشلانغان. ئەمما ئۇ نۇتىقىدا خىتاينى" رىقابەتچىمىز" دەپ ئاتىدى.

پرېزىدېنت بۇشنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى نۇتۇقى، نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنيادىكى كۆپلىگەن پائالىيەتچى، سىياسىيون ۋە مۇلاھىزىچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلار، پرېزىدېنت بۇش قايتىدىن قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا خەلقىغە رېئاللىققا توغرا كەلمەيدىغان ۋەدىلەرنى بەردى، دېيىشمەكتە. (قانات)