بۇش ئافغانىستاننى ئۇشتۇمتۇت زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج W بۇش چارشەنبە كۈنى ئافغانىستاننى ئۇشتۇمتۇت زىيارەت قىلدى ھەمدە ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىد كارزاي بىلەن كۆرۈشتى.

پرېزىدېنت بۇش ئەسلىدە ، ھىندىستان ۋە پاكىستانغا قىلىدىغان سەپىرىگە ئاتلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئافغانىستانغا قىلغان مەخپىي زىيارىتى ئۇ كابۇلدىكى ئامېرىكىنىڭ باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا چۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. بۇش ئافغانىستاندا 4 سائەتچە توختىدى ھەمدە ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىد كارزاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئافغانسىتاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇش مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئافغان خەلقىنىڭ دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى مەدھىيلىدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە ، مۇخبىرنىڭ بىن لادىننى قاچان قولغا چۈشۈرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋابەن، بىن لادىننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا شەكسىز ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،" بىز ئەل-قەئىدە تەشكىلاتىنى تار‏- مار قىلىشتا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىۋاتىمىز " دېدى. ئافغانسىتان پرېزىدېنتى كارزاي مۇراسىمدا ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا تەشەككۈر ئېيتتى.

پرېزىدېنت بۇش ئافغانسىتاندىكى قىسقا سەپىرىدىن كېيىن يېڭى دېھلىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ بۇ يەردە ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنگ بىلەن يادرو تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزمەكچى. (پەرىدە)