بۇش: ھېدروگېن كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەسى بولىدۇ

ئىراق كىرىزىسى داۋاملىشىۋاتقان ۋە نېفت باھاسى ئۆرلەپ ھەر باك خام نېفىتنىڭ باھاسى 75 دوللارغا يەتكەن مەزگىلدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج W بۇش ئامېرىكا خەلقىنى نېفىتقا بولغان تايىنىشىنى ئازايتىپ پاكىز ئېنېرگىيىگە يۈزلىنىشكە چاقىردى.

بۇش بۇ سۆزلىرىنى 22‏- ئاپرىل دۇنيا كۈنىدە قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە ھېدروگىننىڭ كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ھەمدە فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن يېڭى لايىھە سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمما ئۇ يەنە قىسقا مەزگىل ئىچىدە گاز باھاسىنى تۆۋەنلىتىشكە ئامال بولمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالار ئەگەر بۇش ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيىنى تېجەش ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمى جەھەتتە جىددىي تەدبىر قوللانمىسا، ئۇ چاغدا نېفىت باھاسىنىڭ تېز ئېشىشى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىغا ھەتتا ھەربىي كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. (پەرىدە)