ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش دۈشەنبە كۈنى11 - سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پۇقرالىرىغا تېلېۋىزور نۇتۇقى سۆزلەپ، ئامېرىكىلىقلار 2001 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇ كۈرەشنى مەدەنىيەتلەر ئۇرۇشى، دەپ ئاتىدى.
11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇش، تېررورچىلارنىڭ " مەقسىدى ئاياللارنى ئۆيگە مەھكۇم قىلىدىغان، نامىزىنى قازا قىلغان ئەركەكلەر تاياق يەيدىغان،ئامېرىكا ۋە مەدەنى ئەللەرگە تېررورلۇق ھۇجۇملارنى پىلانلايدىغان رادىكال ئىسلام ئىمپىرىيىسى قۇرۇش ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق " دەيدۇ. ئۇ،" تېررورغا قارشى بۇ ئۇرۇش نوقۇل ھەربىي توقۇنۇشلا ئەمەس، بەلكى بۇ بىر مەدەنىيەتلەر ئۇرۇشىدۇر. ئامېرىكا ئەركىن دۆلەتلەر بەھرىمان بولۇۋاتقان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا" دەپ كۆرسەتتى.
بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تېررورغا قارشى بۇ ئۇرۇش دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك قىممەت قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەد قىلغان. ئۇ، "ئامېرىكا يېڭى ئەسىرنىڭ يۆلۈنۈشىنى بەلگىلەيدىغان بىر ئۇرۇشنى قانات يايدۇرماقتا. بۇ ئۇرۇش پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە ئون مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان كۈرەش بولۇپ قالغۇسى، دەپ ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا خەلقىنىڭ قەتئىي بولغاندا ۋە تىرىشقاندىلا بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇش، "ئامېرىكا پۈتۈن مەملىكەت ئىرادىسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىغا مۇھتاج " دەيدۇ. (ئەركىن)
