پرېزىدېنت بۇش ئوتتۇرا شەرقنى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش سەيشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ ئومۇمى قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئوتتۇرا شەرقتە دېموكراتىك ئىسلاھاتنى قوللاشقا چاقىردى.

بۇش، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىگە خىتابەن "دۇنيانى ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچ رايۇن ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرمەك ناھايىتى تەس" دەيدۇ. ئۇ، ئىران ھۆكۈمىتىنى ئىران خەلقىنىڭ ئازاتلىقى، گۈللىنىشى ۋە ئامېرىكا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇشىدىكى "ئەڭ چوڭ توسالغۇ " دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، "سىلەرنى ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ ئازاتلىقىڭلارنى رەت قىلىشى، دۆلەت بايلىقىنى تېررور ، ئەسەبىيلىك ۋە يادرو قوراللارغا ئىشلىتىشى كېلەچىكىڭلارغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ پەيدا قىلماقتا" دەپ تەكىتلىدى.

بۇش، ئامېرىكىنىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش قىلمىغانلىقىنى، لېكىن ئىسلامدىن پايدىلىنىپ ئۆلۈم ۋە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلارغا قارشى ئۆزىنى قوغداۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇش، سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى تىلغا ئېلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى دارفۇر رايونىغا تېزرەك قوشۇن ئەۋەتىشكە چاقىردى. خىتاي بۇ يىل 8 - ئايدا رۇسىيە ۋە قاتار بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ دارفۇرغا ب د ت قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپ لايىھىسىنى رەت قىلغان. (ئەركىن)