ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ھىندونېزىيىگە قاراتقان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. دۈشەنبە كۈنى ھېندونېزىيىدىكى بىر نەچچىلىگەن سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار پرېزىدېنتى بۇشنىڭ زىيارىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ باردى. پرېزىدېنت بۇش ھىندونېزىيىدە ئۇنىڭ زىيارىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق نامايشلىرىنى ھىندونېزىيىدە دېموكراتىيىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ جانلىق بىر ئىسپاتى دەپ كۆرسەتتى.
پرېزىدېنت بۇش دۈشەنبە كۈنى ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى بامباڭ ھۇدھويانو بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، مەن كىشىلەر ئۆز كۈز قاراشلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەيدىغان بىر جەمئىيەتنى قارشى ئالىمەن، دېدى. پرېزىدېنت بۇش مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يېغىنى جەريانىدا ئىراق مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، تېخى ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانىنى ئازايتىش ياكى كۆپەيتىش توغرىسىدا قارار بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى يودھۇيانى، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن مۇناسىپ بىر ۋاقىت بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ ھىندونېزىيىنى ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تۇنجى قېتىم 2003-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ھىندونېزىيىنىڭ بالىي ئارىلىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، ھىندونېزىيىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئەكسىچە، پرېزىدېنت بۇش بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ھىندونېزىيىدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى بىلەن قارشىلاشتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت بۇش بۇ زىيارىتى جەريانىدا ھىندونېزىيە رەھبەرلىرىگە 2001- يىلى 11- سېنتەبىردىن كېيىن تېررورچىلىقتا قارشى ئۇرۇش رامكىسى ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن ھىندونېزىيە ئوتتۇرىسىدا كۈچەيگەن مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ، ھىندونېزىيە بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (قانات)