پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ئىراق سىياسىتى ئۈچۈن سۆھبەت باشلىدى
2006.12.11
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش دۈشەنبە كۈنى تۆت يىلغا يېقىن بىر ۋاقىتدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىراق سىياستىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان سۆھبەتلەرگە باشلىدى.
پرېزىدېنت بۇش بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىغا بېرىپ، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتلەردە قانداق تەدبىرلەر ئېلىش توغرىسىدا مەزكۇر مىنستىرلىق خادىملىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەن. ئاندىن ئاقسارايدا مۇتەخەسسىسلەر ۋە پېنسىيىگە چىققان گېنېراللار بىلەن ئۇچراشقان.
ئاقساراينىڭ باياناتچىسى تونى سنۇ بۈگۈن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، پرېزىدېنت بۇش 25- دىكابىر كۈنىگىچە ئىراق سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقىغا قارار بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى قىسقا بىر ۋاقىت ئۈچۈن ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ۋە ئىراقتىكى سىياسىي، مىللىي ۋە دىنىي گۇرۇھلار بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن كۈزدىن كەچۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشنى ئويلاشماقتا.
سىياسىي مۇلاھىزچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت بۇش قانداق تەدبىر ئېلىشتىن قەتئىنەزەر بۇ تەدبىرنى باشقىلار بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ھالدا ئېلىشقا تىرشماقتا. شۇڭا ئۇ ھەم ئامېرىكىدىكى تۈرلۈك سىياسىي كۆز قاراشقا ئىگە كىشىلەرنىڭ ھەمدە چەت دۆلەت ئەربابلىرىدىنىڭ تەۋسىيە ۋە تەكلىپلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىيۋاتىدۇ.
پرېزىدېنت بۇش مۇشۇ مەقسەت بىلەن ئۆتكەن ھەپتە، ئىراقتىكى شىيىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي رەھبەرلىرىنىڭ بېرى بولغان ئابدۇلئەزىز ئەلھەكىم، ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكرات پارتىيسى ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ئەنگىلىيە باش مىنسىتىرى تونى بىلىيە ۋە دۆلەت مەجلىسى ئاخبارات ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشتى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى ئامېرىكا خەلقى كۈتكەن نەتىجىنى بەرمىدى
- جورجى بۇش تۈركىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە كىرىشىگە كاپالەت بەرگەن، ئەمما تۈركىيە ياۋروپا بىرلىكى بىلەن يەنە سۆھبەتلىشىدۇ
- ئىراق ئۇرۇشى، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتى جەھەتلەردە ئامېرىكىنىڭ سىياسەتلىرىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولماقتا
- پرىزىدېنت بۇش ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بلايېر بىلەن ئىراق ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى
- كوفى ئاننان: ئىراق ۋەزىيىتى ئىچكى ئۇرۇشتىنمۇ " بەتتەر"
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئىراق ئىستراتېگىيىسىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئوتتۇرىغا