ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش 1 -ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچ سائەت 9 دا، ئامېرىكا خەلقىغە دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. بۇ ، ئامېرىكىنىڭ ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسى دېموكراتلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەندىن كېيىن، بۇشنىڭ تۇنجى قېتىملىق دۆلەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جورجى بۇش دوكلاتىدا ئېنىرگىيە، ساقلىقنى ساقلاش، جەمئىيەت ئامانلىقى، مائارىپ، كۆچمەن، دىپلوماتىيە قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى. ئۇ دوكلاتىدا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇرۇشتا ھۇجۇم ئارقىلىق تېرورچىلارنى يېڭىش لازىملىقىنى كۆرسەتتى. شۇنداقلا يەنە كۇبا، بېرما، ئوتتۇرا شەرق ۋە بىلورۇسىيىلەرنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋېرجىنيا شتاتىدىن سايلانغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىم ۋەب ئەپەندى بۇشنى ئىراققا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىش شەكلى ئارقىلىق نارازىلىق ئىنكاسى قايتۇردى. (ۋەلى)