پرېزىدېنت بۇش ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا


2008.01.12

ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش، شەنبە كۈنى كويتتە بەرگەن باياناتىدا، ئىراقتىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىش توغرىسىدا تېخى قارار ئېلىنمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، لېكىن ئەگەر ھەربىي قوماندانلار بورۇن پىلانلىغاندىن كۆپرەك ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى خالىمىسا، مەن ئۇلارنىڭ پىرىگە قارشى چىقمايمەن، دېگەن.

پرېزىدېنت بۇش، ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ، ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش توغرىسىدا بەرگەن قارارىنىڭ توغرا قارار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ، ئىراقتىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت بۇش، كويتتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا بەرگەن باياناتىدا، ئىراقتا غەلبە قىلىشىنىڭ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن شۇنداقلا ئامېرىكا، ئىراقتىكى دوستلىرىدىن يۈز ئۆرىمەسلىكى كېرەك، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.