ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان بىر پەيتتە ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى سەئۇدى ئەرەبىستانغا 20 مىليار ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە ئىلغار تىپلىق قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا مەزكۈر قورال سېتىپ بېرىش پىلانىغا ئاساسەن، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ، نىشاننى توغرىلاپ ئاتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسى ياكى ھۇشيار بومبا دەپ ئاتىلىدىغان 900 دانە بومبا ۋە باشقا تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئامېرىكا دائىرىلىرى قورال سېتىپ بېرىشكە دائىر پىلانىنى ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ يەنە، بۇ پىلانغا قارىتا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 30 كۈنگە قەدەر قارشىلىق بىلدۈرۈش ئىمتىيازى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، پرېزىدېنت بۇش سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاغا ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىنى يەتكۈزۈىدىكەن، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت بۇش يەنە ، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتى شۇنىڭدەك ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىككە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىدىكەن.
بۇش ئوتتۇرا شەرقتىكى زىيارىتى داۋامىدا، رايوننىڭ تېنچلىقى پۈتۈن دۇنيا تېنچلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ تېزراق ھەل قىلىنىشى، ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ئافغانىستان بىلەن پاكىستاندىكى ئەلقائىدە كۈچلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ئىسرائىلىيە قوشۇنى 15 - يانۋار كۈنى غەززەدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، 17 پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ئوخشاش كۈندە ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدە تالىبانلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش خاراكتىرلىك ھۇجۇمدا 8 ئادەم قازا قىلدى.