ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى ئاياغلاشتى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى بۈگۈن (چارشەنبە كۈنى) ئاياغلاشتى. بۇش زىيارىتىنى باشلاش ئالدىدا تۇرغاندا ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا، ئۆزى 2009 ‏- يىلى ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىىن بۇرۇن ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەب ئەللىرىنى قوللاشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 1 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى مىسىرنىڭ شارم ئەل شەيىخ شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىز بۇيىدىكى شارم ئەل شەيىخ شەھىرىگە كەلگەندە، ئامېرىكىنىڭ دوستى مىسىر پرېزىدېنتى ھۈسنى مۇبارەك بىلەن كۆرۈشتى. بۇش ئۇنىڭغا ھازىر ئىراننىڭ تەھدىتى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تىنچلىقىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ساۋت ئەل فايسال ئىراننىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پېرىنونىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت بۇش سەئۇدى ئەرەبستانىغا كېلىپ پادىشاھ ئابدۇللا بىلەن كۆرۈشكەندە، ھازىر بىر بارول نېفتنىڭ باھاسى 100 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى ، بۇنىڭ بىلەن تېز ئۆسۈۋاتقان دۇنيانىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر يىتىۋاتقانلىقىنى كۆرستىش بىلەن بىرگە، ئوپېك دۆلەتلىرىنى نېفىت مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ۋە نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشكە چاقىرغان.