بۇش بىلەن بلېيىر، ئافرىقىنىڭ قەرزلىرىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلىش ئالدىدا


2005.06.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلېيىر چارشەنبە كۈنى، ئافرىقىنىڭ قەرزلىرىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە ئورتاقلىققا كېلىشكە ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇش ۋاشىنگتوندا تونىي بلېيىر بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە مەخسۇس سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئۇلار ئافرىقىنىڭ قەرزلىرىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە بىر لايىھە تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت ئالىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا كېلىشكەن.

جورج بۇش ۋە تونىي بلېيىر ئوتتۇرىغا قويغان بۇ پىلاندا، دۇنيادىكى نامرات 32 دۆلەتنىڭ خەلقئارا مالىيە ئورگانلىرىدىكى 34 مىليارد ئامېرىكا دوللار قەرزىنى بىكار قىلىش تەكلىۋى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپى ئافرىقىدا ئىكەن.

بۇش سۆھبەتتىن كېيىن، "كەمبەغەل دۆلەتلەر ئېغىر قەرزلەر تۈپەيلىدىن كەينىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولماسلىقى كېرەك" دېدى. تونىي بلېيىرمۇ بۇشقا ۋەدە بېرىپ، "ياردەم پۇللىرى ھەرگىزمۇ چىرىكلەشكەن ھاكىمىيەتلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ" دېدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.