پرېزىدېنت بۇش خۇجىنتاۋنى جۇڭگو پۇقرالىرىغا تېخىمۇ كەڭ ئەركىنلىك بېرىشكە چاقىردى
2006.04.21
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش پەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا، خۇ جىنتاۋنى خىتاي پۇقرالىرىغا تېخىمۇ كەڭ ئەركىنلىك بېرىشكە چاقىردى. بۇش، ئاق سارايدىكى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگونىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئاچقۇچى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن سودا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەنلىكىدۇر، دەيدۇ.
پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر خىتاي ئۆز پۇقرالىرىنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، سۆز قىلىش ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىگە يول قويسا، جۇڭگو تېخىمۇ زور مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشىدىكەن. مۇراسىمدىن كېيىن خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇش ئاق سارايدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
خۇ جىنتاۋ مۇخبىرلارغا بۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ ئىجابىي بولغانلىقىنى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرى خىتاينىڭ بىر قاتار ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى تۈگۈتەلمىگەنلىكىدىن دىرەك بەرمەكتە.
تەيۋەن مەسىلىسىدە بۇش، ئىككى قىرغاقنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۆزگەرتىشىگە قارشى تۇرىمىز، دېدى. خۇ جىنتاۋ بولسا ھەر قانداق كىشىنىڭ تەيۋەننى مۇستەقىل قىلىش ئۇرۇنۇشىغا يول قويمايمىز، دەيدۇ. ئۇ، خىتاينىڭ ئادالەتسىز سودا رىقابىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەنقىدكە قارىتا، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. لېكىن ئۇ ، ئىران، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە دېموكراتىيە قاتارلىق زور مەسىلىلەردە ئامېرىكىغا كونكرېت ۋەدە بەرمىگەن.
بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا كىشىلەر ئىلگىرى پەرەز قىلىپ باقمىغان تاسادىپى بىر ئىلگىرلەش يۈز بەرمىدى. لېكىن ھەر ئىككىلا تەرەپ خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتىنى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينىدى، دەپ باھا بەرمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆكتىچىلەر ئاق ساراي ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى
- پرېزىدېنت بۇش خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەت تېمىلىرى ھەققىدە توختالدى
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىدا بۇش بىلەن ئۇچراشماقچى
- پرېزىدېنت بۇش خىتاينى "كونىچە ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىش" دىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى
- بۇش خىتايدا دېموكراتىيە ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى تەكىتلىدى