خۇ جىنتاۋ، پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئېنېرگىيە ۋە سودا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
2005.08.30
يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىدىكى زىيارىتى جەريانىدا پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئېنېرگىيە ۋە سودا مەسىلىلىرىنى سۆزلىشىدىكەن.
خۇ جىنتاۋ 6 - سېنتەبىردىن 8 - سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان زىيارەت پىلانى بويىچە سياتىلغا بارىدۇ.7 - سېنتەبىردە پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئاقسارايدا ئۇچرۇشىدۇ ۋە يېل ئۇنىۋېرسىتىتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى خې يافېينىڭ تەكىتلىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىلىقلاردا "خىتاي تىنچلىقپەرۋەر كۈچ"، دېگەن ئوبراز يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن. ئەمما خې يافېي، سودا ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسى سۆھبەت كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم تېمىلار، دەپ كۆرسەتتى. خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇش ئوتتۇرىسىدىكى قېتىملىق سۆھبىتى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقىمى ئۆتكەن يىلىلا 160 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى خې يافېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. خې يافېي، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىققا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا جوڭگو دېڭىز ئوكيان شىركىتىنىڭ ئامېرىكا يۇنىكال نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش پىلانى سىياسى سەۋەبلەردىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئارمىيىسى خىتاي - رۇسىيە ھەربىي مانېۋىرىنى دىققەت ئېتىبارى بىلەن كۆزىتىدۇ
- پرېزىدېنت بۇش پات ئارىدا، خۇجىڭتاۋنى تېكساستىكى داچىسىغا تەكلىپ قىلماقچى
- رايىس، شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىس پات يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- خۇ جىنتاۋ، ئاستانا يىغىنىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىدۇ