ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ دۈشەنبە كۈنى جوڭگو دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا تېلېفون ئېچىپ، خىتاينى شىمالىي كورىينىڭ يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كېچىپ 6 دۆلەت سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ياردەمچى بولۇشقا ئۈندىگەن.
ئامېرىكا، جوڭگو، رۇسىيە، ياپونىيە، ۋە شىمالىي كورىيىلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 6 دۆلەت سۆھبىتى، شىمالىي كورىيە يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە ماقۇل بولۇپ 2 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن 2005 - يىلى 11 - ئايدىن بېرى توختاپ قالدى.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى شىمالىي كورىيە يادرو ئەسلىھەلىرىدە كىشىنى يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشكە تاييارلىق قىلىۋاتقاندەك گۇمانغا سالىدىغان ھەرىكەتلەر بولىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. پرېزىدېنت بۇشنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلارنىڭ تېلېفون سۆھبىتى "ئىھتىياجىنىڭ ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، شىمالىي كورىيە رەھبىرىگە ئۇنىڭ يادرو قوراللارنى راۋاجلاندۇرۇشتىن باشقا تېخىمۇ ياخشى چىقىش يولى بارلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان. بۇش، "6 دۆلەت سۆھبىتى بىزنىڭ كىم جۇڭئىل بىلەن كېلىشىشىمىزدىكى ئىستىراتىگىيىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمى،" دەيدۇ.
بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خۇ جىنتاۋ پرېزىدېنت بۇشنىڭ سۆزىگە قوشۇلغان. لېكىن ئۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلى دېتاللىرىنى ئاشكارىلىمىدى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ سۆھبىتى سودا ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. (ئەركىن)
