ئامېرىكا، خىتاي رەھبەرلىرى تېلېفوندا شىمالىي كورىيە ۋە دارفۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
2006.11.27
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن تېلېفوندا شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ۋە سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئاقساراي باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پرېزىدېنت بۇش لاتۋىيە پايتەختى رىگادا ئۆتكۈزۈلىدىغان NATO باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋېتىپ خۇ جىنتاۋ بىلەن تېلېفوندا يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇش "خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە ۋە دارفۇر مەسىلىسىگە ئوخشاش خەلقئارا زور مەسىلىسلەردە يېتەكچىلىك رول ئوينىشىنى" تەلەپ قىلغان.
ئاقساراي باياناتچىسى گوردون جوندرونىڭ ئەسكەرتىشىچە، "ئىككى دۆلەت رەھبىرى خانويدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئەسلىگەن ۋە خىتاي - ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلغان".
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەر. خىتاي ئامېرىكىنىڭ سۇدانغا ئىمبارگو قويۇش تەكلىپىنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن سۇدان يېقىندا ب د ت نىڭ دارفۇر رايونىغا تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملار ئەۋەتىشىگە قوشۇلدى. لېكىن شىمالىي كورىيە يادرو پىلانى ئامېرىكا ئۈچۈن يەنىلا باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە.
شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغۇچى دۆلەتلەر دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا قايتا توپلىنىشقا باشلىغان. ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كرىستوفىر خىلل شۇ كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ باردى. پرېزىدېنت بۇش رىگادا NATO نىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئېستونىيىنى زىيارەت قىلىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي - ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرى ياۋروپالىقلارنى بىئارام قىلماقتا
- خىتاي-ئافرىقا مۇھاكىمىسى ۋە خۇ جىنتاۋ ئىپادىلىگەن سىياسىي بۇرۇلۇش
- ئامېرىكا خىتاينى ئافرىقىدا "ئىجابىي رول" ئويناشقا چاقىردى
- دۇنيا بانكىسى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قەرز بېرىش مەسىلىسىدە خىتاينىڭ بانكىلىرىنى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا خىتاينى سۇدانغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى