پرېزىدېنت بۇش پات ئارىدا، خۇجىڭتاۋنى تېكساستىكى داچىسىغا تەكلىپ قىلماقچى


2005.07.25

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت جورج بۇش، خۇ جىڭتاۋ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتى جەريانىدا، خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش سىياسىتى جەھەتتە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدىكەن.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان سودا ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش قارارىنى ئېلان قىلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شۇنىڭدەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى خىتاينىڭ بۇ قارارىنى ماختىغان .

گەرچە مەتبۇئاتلاردا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر پرېزىدېنت بۇشنىڭ خۇ جىڭتاۋ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئامما سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك مەسىللىلەرمۇ ئىككى دۆلەت رەھبىرى مۇزاكىرە قىلىدىغان دائىرىدىن مۈستەسنا ئەمەس ئىكەن، يەنى بۇش بىلەن خۇ جىڭتاۋ ، شىمالىي كورىيە يادرو قۇراللىرى مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتايدىن ، شىمالىي كورىيىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى يەنى شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشكە كاپالەتلىك بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جا چىڭگو، ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆز - ئارا يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنى ياخشى تەڭشەپ كەلمەكتە، بولۇپمۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە، گەرچە ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىدە ئازراق سۈركىلىشلەر بولسىمۇ، ئامما بۇ خىل سۈركىلىشلەر، سىياسىي مەنپەئەتنىڭ ئالدىدا ئۆز رولىنى يوقىتىشقا مەجبۇر, دىگەن.

جا چىڭگو سۆزىدە يەنە "ئەگەر پرېزىدېنت بۇش، رەئىس خۇ جىڭشتاۋنى ئۆزىنىڭ داچىسىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلسا، بۇ ئامېرىكا تەرەپنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىنىڭ ئىپادىسى ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە مۇئامىلە تۇتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ" دەپ بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە " ئەمما خىتاي ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە يەنىلا بىر قىسىم مەسىلىلەر مەۋجۈت" دەپ تەكىتلىگەن.

بۇ ئارىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى زىددىيەتلەر ھەققىدە توختالغان كۆزەتكۈچىلەر ، خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى ھەرگىز ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.