بۇش، ئىراق باش مىنىستىرى جافارى بىلەن ئاق سارايدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ئىراق باش مىنىستىرى ئىبراھىم ئەل- جافارى، جۈمە كۈنى ۋاشىنگتوندا پرېزىدېنت بۇش بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئىراقنىڭ سىياسى كېلەچىكى ۋە ئىراق ئامانلىق قىسىملىرىنى تەربىيىلەش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.

ئىبراھىم ئەل - جافارىنىڭ پەيشەنبە كۈنى "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، ئۇ ئامېرىكا ۋە ئىراق قىسىملىرى ئېلىپ بارغان ئىراقتىكى بىرلەشمە ھەربىي ھۇجۇم، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىمىزدا يېڭى نەتىجە ياراتتى، دەپ قارايدىكەن. جافارى، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئىراقتىن تېزرەك چېكىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قوشۇن چېكىندۈرۈش مەسىلىسىدە ھازىرچە ۋاقىت جەدۋىلى بەلگىلەش توغرا بولمايدىكەن. جافارى، قوشۇن چېكىندۈرۈشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى بەلگىلەش تېررورچىلارغا پۇرسەت تۇغدۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، ئىراق ئامانلىق كۈچلىرىنى تەربىيىلەش قەدىمىنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلغان. ئۇ، ئىراق قىسىملىرىنى تەربىيىلەشكە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

جافارىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىراق ئاساسى قانۇنىنى بۇ يىل 8 - ئايغىچە ئاساسى قانۇن تۈزۈش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن. ئۇ، ئاساسى قانۇن لايىھىسىنىڭ ئومۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)