پرېزىدېنت بۇش ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش سەيشەنبە كۈنى ئىراق پايتەختى باغداتنى ئالدىن ئالا ئېلان قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى. بۇ پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئامېرىكا 2003 -يىلى ئىراققا ھۇجۇم قىلغاندىن بېرى باغداتنى 2 - قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ باغداتتىكى باش ئەلچىخانىسىدا ئىراق باش مىنىستىرى مالىكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا پرېزىدېنت بۇشنىڭ زىيارىتى ئىراق باش مىنىستىرى مالىكىغا ئۇ باغداتقا يېتىپ كېلىشتىن 5 مىنۇت بۇرۇن ئۇقتۇرۇلغان. خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇش مالىكىنى ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە خەلقنىڭ كۆڭلىنى قازىنىش پۇرسىتىنى زايە قىلىۋەتمەسلىككە چاقىرغان بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئىراققا كېلىشتىن ئىلگىرى ۋاشىنگتوندا ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرىنى دەيۋىد لاگىرىغا توپلاپ، ئامېرىكىنىڭ كېلەچەك ئىراق سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئاق ساراينىڭ ئەسكەرتىشىچە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئىراقتىكى زىيارىتى 5 سائەت داۋام قىلىشى مۇمكىن. بۇشنىڭ زىيارىتى ئىراقتىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتى رەھبىرى ئەبۇ مۇساب ئەل زارقاۋى ئامېرىكا ھاۋا بومباردىمانىدا ئۆلگەندىن كېيىنكى تەنتەنىلىك كەيپىيات تېخى ئاخىرلاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى.

پرېزىدېنت بۇش ئىراقنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر چاغدا باغدات ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، شەھەر بۇيىچە جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەن ۋە جۈمە نامىزى مەزگىلىدە ماشىنا قاتنىشىنى چەكلىگەن. لېكىن شۇ كۈنى نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈركمەنلەر تەشكىل قىلىدىغان كەركۈك شەھىرىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 16 ئادەم ئۆلگەن. (ئەركىن)