پرىزىدېنت بۇش ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بلايېر بىلەن ئىراق ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى
2006.12.07
ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش ئاق سارايدا ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بلايېر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۆز - ئارا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئىراق ئىستراتېگىيىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاق ساراي ھۆكۈمىتى يېقىندا ، ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاشقى سىياسىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش، بۇ مەسىلىدە ئىران ۋە سۈرىيە بىلەن دىئالوگ قۇرۇش شۇنىڭدەك 2008 - يىلىغىچە ئىراقتىن زور تۈركۈمدە ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى يۆتكەپ چىقىپ كېتىش مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى .
ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بلايېر، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ، ئىراننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قارارنى ئالاھىدە قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ ئارىدا كۆزەتكۈچىلەر بۇشنىڭ، بلايېرنىڭ ئاق سارايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ، " بلايېر ، ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قوزغىغان ئۇرۇشىنى ئىزچىل تۈردە قوللاپ كەلگەن دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرى" دېيىشتى.
ئەمما، ئىراق ئىشلىرى تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان خۇلاسىدە ، بۇشنىڭ ئىراق ھەققىدىكى پىلانلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئىنكار قىلىنغان بولۇپ، مەزكۈر گۇرۇپپا ، ئىراقتا ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن - كۈنگە كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئورنىغا ياردەمگە ئۆتۈش ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىراق ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانىنى ئەسلىدىكىدىن 5 ھەسسە كۆپەيتىشنى تەشەببۈس قىلدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئىراق ئىستراتېگىيىسىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئوتتۇرىغا
- پرىزىدېنت بۇش ئىراق باش مىنىستىرى نورىي مالىكىنى تەرىپلىدى
- بۇش ھىندونېزىيىدە نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلدى
- بۇش ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىدى
- جورج بۇش، ئىراقتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى