ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش ئىراق مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى ستراتىكىيە بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2006.12.14
ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش، چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى ۋە ئالى دەرىجىلىك ھەربىي خادىملار بىلەن ئىراق مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارغا، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە بىر مۈددەت ئەسدايىدىل ئويلۇنۇپ، ئاندىن مەزكۈر مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىىسنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى تەشەببۈسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەمما پرىزىدېنت بۇش بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
پرىزىدېنت بۇش دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىراق مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن سىرت ئاق سارايدا، ئىراق سۇني مۇئاۋىن پرىزىدېنتى ئەل ھاشىمى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىراق ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرلەشكەن.
بۇ جەرياندا پرىزىدېنت بۇش يەنە، ئىراق پرىزىدېنتى تالابانىي ۋە كۇردلەر رايونىنىڭ مەسئۇلى بارزانى بىلەن تېلفۇن سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. پرىزىدېنت بۇش 25 - دېكابىر كۈنىدىن بۇرۇن ئىراق ھەققىدە يېڭى ستىراتىكىيە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى، ئۇ ھازىر بۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ، 2007 - يىلىنىڭ باشلىرى ئاندىن بۇ ھەقتە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ئىراق سىياسىتى ئۈچۈن سۆھبەت باشلىدى
- ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى ئامېرىكا خەلقى كۈتكەن نەتىجىنى بەرمىدى
- ئىراق ئۇرۇشى، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتى جەھەتلەردە ئامېرىكىنىڭ سىياسەتلىرىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولماقتا
- پرىزىدېنت بۇش ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بلايېر بىلەن ئىراق ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئىراق ئىستراتېگىيىسىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئوتتۇرىغا