بۇش ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى


2007.09.04

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ، -3 سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى. ئۇ زىيارەت داۋامىدا ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق مۇقىملىشىپ بارغان تەقدىردە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تىلغا ئالغان.

بۇش بۇ قېتىم ئاۋسترالىيىدىكى ئاسىيا تېنىچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە، مەخپىي ھالدا ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلغان بولۇپ ، بۇشنىڭ بۇ ئىراق زىيارىتىگە يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس ۋە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانى ھەمرا بولۇپ بارغان.

بۇش ئىراق زىيارىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، ھەربىي قىسىم ئەمەلدارلىرى ھەمدە ئىراقنىڭ باش مىنىستىرى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندىن باشقا ئىراقتىكى سۈننىي ھەم شىئە مەزھىپى دىنىي داھىلىرى بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

بۇش بۇ قېتىملىق ئىراقنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دوكلاتلىرىدىن، ئىراقنىڭ تىنچلىق ۋەزىيىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ، ئەمما بۇ جەھەتتە ئىراق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە " گەرچە ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن بۇ يىل ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ئامېرىكا ئىراقنى تاشلىمايدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇش كېلەر ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىراق مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىن كېيىن ، ئىراق مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇھىم قارار بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئىراقتا چىقىم قىلغان ئەسكەرلىرى 3700دىن ئاشتى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.