كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى پرېزىدېنت بۇشتىن كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى

مەركىزى نيۇ يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى، پرېزىدېنت بۇشقا خەت يېزىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋلار بىلەن ئۇچراشقاندا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، "يېقىنقى يىللاردىن بېرى ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ خىتاي - ئامېرىكا سۆھبىتىدىكى ئورنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلىماقتا، دەپ قارايدۇ ۋە شۇنداقلا بۇنىڭدىن بىئاراملىق ھېس قىلماقتا " دەپ تەكىتلىگەن. ئەمما مەزكۇر تەشكىلات، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ياپونىيىدە خىتاينى سىياسىي ئەركىنلىككە چاقىرغان نۇتۇقىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، بۇ نۇتۇق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە كىشىلىك ھوقۇققا قايتىدىن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلغان.

پرېزىدېنت بۇش چارشەنبە كۈنى تەيۋەن دېموكراتىيىسىنى ماختىغان، خىتاي دائىرىلىرىنى پۇقرالىرىغا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەركىنلىك بېرىشكە چاقىرغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت بۇشنىڭ چاقىرىقىنى ئىبارىسى سىلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلدى. خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا " جۇڭگو خەلقى قانۇن بويىچە دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ بارلىق شەكىللىرىدىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ " دېدى. (ئەركىن)