پرېزىدېنت بۇش بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2008.02.29
يېقىنقى بىر سۆزىدە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى چىققان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش، پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قاتنىشىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى سەپىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇش پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى. لېكىن ئۇ ئولىمپىكنىڭ ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇش، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئولىمپىكتىن مۇھىم، دېگەن بىر نەپەر زاۋۇت ئىشچىسىنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدىكى ۋەقەگە باھا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە " بۇ ئىشچىنىڭ ۋەقەسىگە دىققەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش شۇنداقلا ئۆزىنىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقى" نى بىلدۈردى. ئۇ، "ساغلام ۋە ئۆزىگە ئىشەنگەن بىر جەمئىيەت دىنىي ئەركىنلىكنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ،" دەيدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى بولۇپمۇ، دۇنياغا ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. لېكىن خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتىك قانۇن چىقارغۇچىلار ئالدىنقى كۈنى دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇشنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلار بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىردى
- خىتاي دىنىي ئىشلار ئەمەلدارى يې شاۋۋېن ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلدى
- ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق تورخانىلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۈگۈن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھىسى ماقۇللىدى
- كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى:دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرۈشتە يېڭى قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى
- خىتاينىڭ "بۆلۈنىشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
- تۈرك قانۇنىنىڭ زىنانى جىنايەت سۈپىتىدە جازالاشقا دائىر ماددىسى چىقىرىپ تاشلاندى