ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش سەيشەنبە كۈنى ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان، رايون مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا زور ئەھمىيەتلىك سەپىرىنى باشلايدۇ. پرېزىدېنت بۇش ئۆزىنىڭ مەزكۇر سەپىرىدە ئىسرائىلىيە، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە باشقا مەملىكەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ.
پرېزىدېنت بۇش بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق سەپىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى دوستلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تېخىمۇ بەكرەك قوللىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا، ئۇ، ئالدى بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت ۋە پەلەستىن ھاكىمىيىتىنىڭ رەئىسى ئابباس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، رايون مەسىلىسى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسى ئارزۇلىرى يەنى "ئىككى دېموكراتىك دۆلەت-ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىننىڭ تىنچ ھەم بىخەتەر ھالدا ئورتاق مەۋجۇتلۇقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. (ئۈمىدۋار)
