ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ
2008.01.09
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۇل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. بۇش بۇ قېتىم ئىسرائىلىيە، پەلەستىن، ئەرەب خەلپىلىكى، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە سەككىز كۈن زىيارەتتە بولىدۇ.
جورج بۇش ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن، 'ئەل ھۇرا تېلېۋىزىيىسى' نىڭ مۇخبىرىنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىندىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچ ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچ ئۆتۈشىنى قوللاشقا قايىل قىلىشتىن ئىبارەت دەپ بايان قىلغان ئىدى.
جورج بۇش مۇخبىرنىڭ، 'سىز ئۆزىڭىزنىڭ پرېزىدېنتلىق مەزگىلى ئاخىرلاشقىچە، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز' دېگەن سۇئالىغا 'ھېچ بولمىغاندا پەلەستىن دۆلىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىشىنىمەن، گەرچە بۇ دۆلەتنىڭ ئورگانلىرى، بىخەتەرلىك قوشۇنلىرىنى قۇرۇش ناھايىتى مۇرەككەپ بولسىمۇ' دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئۇ يەنە مۇخبىرنىڭ 'ئوتتۇرا شەرق خەلقى سىزنى قانداق پرېزىدېنت دەپ خاتىرىلىشى مۇمكىن' دېگەن سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە 'ئوتتۇرا شەرق خەلقى مىنى سىياسىي غەرىزى ئۈچۈن بىگۇنا ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدىغان ئەسەبىي رادىكالچىلارغا قارشى تۇرىدىغان، ئوتتۇرا شەرقنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە ئىشىنىدىغان، يەرلىك خەلقنىڭ ئەنئەنىسىگە ھۈرمەت قىلىدىغان پرېزىدېنت دەپ خاتىرىلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن' دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوتتۇرا شەرققە قارىتا زىيارىتىنى باشلىدى
- پرېزىدېنت بۇش ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلىدۇ
- خىتاي، قازاقىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەت قەدىمقى يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ تەييارلىماقتا
- سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆلۈمىنىڭ بىر يىللىقى
- 'خىتايدا ياسالغان سەككىز باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تېررورچىلار سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئېلىپ كەلگەن' دېگەن قانداق مەسىلە؟
- كاندىلىزا رايس: ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىقى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن
- ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
- مىسىر ۋە تۈركىيە رەھبەرلىرى ئوتتۇرا شەرىق بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشماقچى
- ئەزەربەيجاندا تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ قېرىنداشلىق قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش مىنىستىرلىرى پۈتۈشتى