پرېزىدېنت بۇش كۈۋەيتتىكى زىيارىتىنى باشلىدى
2008.01.11
پرېزىدېنت بۇش جۈمە كۈنى پارىس قولتۇقىدىكى كۈۋەيتكە يېتىپ كېلىپ، بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق سەپىرىدە زىيارەت قىلىدىغان 5 ئەرەپ دۆلىتىنىڭ 1 - بېكىتىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى.
پرېزىدېنت بۇش بۈگۈن كۈۋەيت ئەمىرى ساباخ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن. بۇشنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەقسىدى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانى ئۈچۈن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش شۇنداقلا ئىراننىڭ رايوندا كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقان تەسىر كۈچى توغرىسىدا رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشتۇر.
پرېزىدېنت بۇش كۈۋەيت سەپىرىدە يەنە ، ئامېرىكىنىڭ كۈۋەيتتىكى بىر ھەربىي بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە بۇ يەردە ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى پېترويىس ۋە ئىراقتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسى رايېن كروكېرلار بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن.
پرېزىدېنت بۇش كۈۋەيت زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننى زىيارەت قىلىپ، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۇش، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ بۇ يىل ئىچىدە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ، ئىسرائىلىيە پايتەختى تېلئاۋىفتىكى بىن گورىئان ئايرۇدۇرۇمىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى شىمون پەرەس ۋە باش مىنىستىر ئاخۇد ئولمارتلارغا 'تىنچلىققا ئېرىشىش پۇرسىتى ناھايىتى زور' دەپ كۆرسەتتى. بۇش بۇ سەپىرىدە كۈۋەيتتىكى زىيارىتىدىن كېيىن، بەھرەين، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستانلاردا زىيارەتتە بولىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پرېزىدېنت بۇش ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىدىن ئۈمىدۋار
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوتتۇرا شەرققە قارىتا زىيارىتىنى باشلىدى
- پرېزىدېنت بۇش ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلىدۇ
- سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆلۈمىنىڭ بىر يىللىقى
- ئىسرائىلىيە خاماس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قارشى
- 'خىتايدا ياسالغان سەككىز باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تېررورچىلار سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئېلىپ كەلگەن' دېگەن قانداق مەسىلە؟
- خەلقئارا جەمئىيەت ئىران مەسىلىسىنى قايتا باھالىشى مۇمكىن
- كاندىلىزا رايس: ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىقى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن
- ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى