ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش چارشەنبە كۈنى پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭ پات ئارىدا سايلام ئۆتكۈزۈپ، ھەربىي ھوقۇقتىن ئىستىپا بېرىشىنى تەشەببۈس قىلدى. پرېزىدېنت جورج بۇش ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىۋاتقان فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركۇزى بىرلىكتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، مۇشەررەپ بىلەن سەمىمىي يوسۇندا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركۇزى " پاكىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى كىشىنى ئەندىشىلەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر پاكىستاننىڭ يادرو قورالغا ئىگە دۆلەت بولىشى ھەمدە بۇ رايوندا ئەسەبىي رادىكال كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى " دەپ، پاكىستاندا تېزدىن سايلام ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى جون نېگروپونتې ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا ":مۇشەررەپ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان ئىتتىپاقدىشىمىز، ۋاشىنگتوننىڭ پاكىستانغا كۆرسىتىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردىمى، ئاساسەن تېررورچىلىق كۈرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە، شۇڭا بۇ جەھەتتىكى ياردەمنى ئازايتىش ئامېرىكا ۋە پاكىستاننىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ" دېدى.
ۋاشنگتون دائىرىلىرى يېقىندا، پاكىستانغا بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەم سوممىسىنى ئازايتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. (ئەقىدە)