فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 8 - دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بۈگۈن تۈركىيىنىڭ باش مىنىسىتىرى رەجەپ ئەردوغان بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەندە، تۈركىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە كىرىشىگە كاپالەت بەرگەن. تۈركىيە دېموكراتىيە بىلەن ئىسلام تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان دۆلەت. شۇڭلاشقا ۋاشىنگتون تۈركىيىنى قەدىرلەيدۇ.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ خېلسىنكىدىن خەۋەر قىلىشىچە، فىللاندىيىنىڭ باش مىنىستىرى ماتتى ۋانخانېن بۈگۈن 'ياۋروپا بىرلىكىنىڭ قىبرىستىكى پورتلارنى ئېچىۋىتىش ھەققىدە قويغان تەلىپىنى تۈركىيىنىڭ ئورۇنلىشى تېخى يېتەرلىك بولمىدى' دېگەن.
تۈركىيە كېلەر ھەپتىدە بروسسېلدە ياۋروپا بىرلىكى بىلەن رەسمىيەتلەر ھەققىدە يەنە سۆھبەتلىشىدۇ. (ۋەلى)