پرېزىدېنت بۇش خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ


2005.11.04

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش 11- ئاينىڭ 19 -كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش زىيارەت جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

ئەگەر پرېزىدېنت بۇشنىڭ 19 - نويابىردا باشلىنىدىغان زىيارىتى ئەمەلگە ئاشسا، بۇ ئۇنىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن 5 - قېتىم ئۇچرۇشىشى بولۇپ قالىدىكەن. بۇش ئىلگىرى 2001 - ۋە 2002- يىللىرى خىتاينى زىيارەت قىلغان. ئۇ خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى جەنۇبىي كورىيىدە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭباشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

بۇش بۇ قېتىملىق زىيارىتى جەرياندا ياپونىيە بىلەن موڭغولىيىنىمۇ زىيارەت قىلىدىكەن. بۇ ئامېرىكا پرېزدېنتىنىڭ موڭغولىيىدىكى تۇنجى زىيارىتى بولۇپ قالغۇسى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇشنىڭ زىيارىتى خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرى جىددىلەشكەن مەزگىلگە توغرا كەلمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر، زىيارەت جەريانىدا تەيۋەن مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق، تىبەت، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ۋە سودا قاتارلىق ئەنئەنىۋى تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ھازىرغىچە ھەر ئىككىلا تەرەپ زىيارەتنىڭ مۇزاكىرە كۈنتەرتىپى توغرىسىدا تەپسىلى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ باقمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.