ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خىتاي ھەربىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەردە " كونىچە ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىش ۋە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش" تىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى. بۇش پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان " مىللىي بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى دوكلاتى"دا، خىتاي ھەربىي چىقىمىنىڭ مەۋھۈملىكى " پۈتۈن رايوندا ۋە دۇنيا بويىچە " ئەندىشە قوزغىماقتا، دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى ئامېرىكا قىسىملىرىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىسىدىن جىددىي بىئارام بولماقتا. پرېزىدېنت بۇشنىڭ يەر شارى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە چېتىلغان مىللىي ئىستراتېگىيە دوكلاتى، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كېلەر ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى بولۇۋاتقان بىر چاغدا ئېلان قىلىندى.
شۇ كۈنى ئاق ساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ستىۋېن خاردلېي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تەيۋەن بوغىزىدىكى ھەربىي توقۇنۇشنىڭ ھەممە تەرەپكە زىيان سالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. پرېزىدېنت بۇش، خىتاينى تەبئىي بايلىقى مول ئەمما كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى ۋە دۆلەت سىجىلى ناچار ئەللەرنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ، خىتاينى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشكە چاقىرىپ، " چۈنكى بۇ يول خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قانۇنى ئېھتىياجى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇسىنى قاندۇرىدۇ " دېدى. (ئەركىن)
