ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇ بوشيوڭنى ئاق سارايدا قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدۇ، دېدى. ئۇ، ئامېرىكا -جۇڭگو ھەربىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان.
ئىككى تەرەپ سۆھبىتى 10مىنۇت داۋام قىلدى. گۇ بوشيوڭ ئەسلى ئاق سارايغا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ستىپان خاردلېينىڭ تەكلىپى بويىچە باردى. ئۇ، خاردلېي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا پرېزىدېنت بۇش سۆھبەت مەيدانىغا گۇ بوشيوڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قويۇش ئۈچۈن كىرگەن.
گۇ بوشيوڭ، يېقىنقى 5 - 6 يىلدىن بېرى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي رەھبىرى. ئۇ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدا خۇ جىنتاۋدىن كېيىن تۇرىدىغان 2 نومۇرلۇق شەخس. پرېزىدېنت بۇش گۇ بوشيوڭغا ئامېرىكىنىڭ "جۇڭگو - ئامېرىكا 3 قوشما ئاخباراتىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە بىر جۇڭگو سىياسىتى ئۆزگەرمىدى،" دەپ تەكىتلىگەن.
گۇ بوشيوڭ ستىپان خاردلېيدىن ئامېرىكا - تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرمەسلىك، تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئارىدا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ھاۋايدا بىرلەشمە قۇتقۇزۇش مانىۋېرى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دېڭىز ئۈستىدە بىرلەشمە قۇتقۇزۇش مانىۋېرىنى خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىر پىلوتى بۇ يىل 9 - ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز ساھىلى ياكى ھاۋايدا ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن. خىتاي تەرەپنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن مۇشۇ يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ بىر دېڭىز ئارمىيە پىلوتى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى. (ئەركىن)