پرېزىدېنت بۇش خىتاي ئارمىيىسىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
2007.09.01
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش، ئاۋسترالىيە زىيارىتى ھارپىسىدا، ئاۋسترالىيىنىڭ سىكاي خەۋەر تېلېۋىزىيىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە": ئەگەر خىتاي ئارمىيىسى دۈشمەن پوزىتسىيىسىگە كىرسە، خىتاي ئارمىيىسى مىنىڭ ئۈچۈن ئەندىشە قىلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ" دېگەن.
پرېزىدېنت بۇش، سىكاي تېلېۋىزىيىسىدە جۈمە كۈنىدىكى سۆھبىتىدە،" مىنىڭ پەرەز قىلىشىمچە خىتاي، دۆلەت ئىچىدە دىققىتىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا، دۆلەت سىرتىدا دىققىتىنى ئاساسەن خام ئەشيا ئىھتىياجىنى قامداش ئىشغا بەرگەن، لېكىن ئەگەر ئۇلار دۈشمەن پوزىتسىيىسىگە كىرسە، خىتاي ئارمىيىسى مىنىڭ ئۈچۈن ئەندىشە قىلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ" دېگەن.
پرېزىدېنت بۇش، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، ئاۋسترالىيىگە بارماقچى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش سۆھبەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي مەسىلسىگە كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىۋاتقانلىقىنى ۋە ۋاشنگتوننىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئىككى رەقىب دۆلەت بولغان خىتاي بىلەن ياپونىيە ياخشى مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئاسىيا قىتئەسىدىكى كونا توقۇنۇشلارنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا قىتئەسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
پرېزىدېنت بۇش شۇنداقلا ئافغانىستاندىن ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈشنى پىلانلاۋاتقان دۆلەتلەرنى بۇ مەسىلسىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا چاقىرىپ، "ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ھەربىي قىسىملىرىنى ئەۋەتكەن پۈتۈن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ئېھتىياجى بار" دېگەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراقتىكى ۋەزىيەت يەنىلا جىددى ھالەتتە تۇرماقتا
- ئامېرىكىنىڭ جەڭچى روباتلىرى ئىراقتا ئۇرۇشقا قاتناشماقتا
- خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى سادام ھۈسەيىننىڭ چوڭ قىزى راغەتنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى
- ئىراقتا كۇردلار رايونىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشتا 200 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن
- ب د ت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىراقتا ۋەزىيەت ياخشىلىنىشتىن بۇرۇن ئورگانلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى چاقىردى
- ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە ھەربىي ياردەمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- خىتاي : ئىراقتا بايقالغان خىتاي قوراللىرى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى
- تالابانى خىتايدىن قورال سېتىۋېلىپ ساقچىلارنى قوراللاندۇرماقچى
- خىتاينىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جايلاشقان مېھمانخانىدا پارتلاش يۈز بەردى