بۇتتونىڭ يولدىشى، ب د ت نى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى
2008.01.05
27- دېكابىر كۈنى، بىر سۈيىقەست نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن، پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنستىرى ۋە پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بەنەزىر بۇتتونىڭ يولدىشى ئاسىف ئەلى زەردارى، شەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى بۇتتونىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى مەسىلسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
ئەلى زەردارى، ئامېرىكىدا چىقىدىغان " ۋاشىنگىتون ۋاقتى"گېزىتىدە ئېلان قىلغان بىر مۇلاھىزىسىدە، "پاكىستاندا ياكى ھەرقانداق بىر جايدا بۇتتونىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا، پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈش ھېچقانداق ئىشەنچىگە ئىگە بولالمايدۇ" دېگەن.
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋاز مۇشەررەپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇتتونىڭ قانداق ۋە كىملەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈشتە، پاكىستان ساقچى دائىرىلىرىگە ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئەنگلىيىدىن كەلگەن تېررورچىلىققا قارشى مۇتەخەسسىسلەر، شەنبە كۈنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە باشلىغان. ئەمما، بۇتتونىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا خەلقئارالىق بىر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئېلىش بېرىلىشى ھەققىدىكى تەلەپلەر كۈنسىرى كۈچەيمەكتە.
پاكىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، ھۆكۈمەتنىڭ بەنەزىر بۇتتونىڭ ئىسلامىي مىلىتانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى باياناتىنى قەتئىي رەت قىلماقتا. ئۇلار بۇتتونىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدە، پاكىستان رازۋېتكا ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بەنەزىر بۇتتونىڭ قانداق ئۆلگەنلىكى ھەققىدە پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن، بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان باياناتلار پاكىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر شۇنىڭدەك خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇتتونىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى گۇمانلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.
بەنەزىر بۇتتونىڭ يولدىشى ئەلى زەردارى، ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، "پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر تەكشۈرۈشنى ئىشەنچىلىك دەپ قارايمەن " دېگەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستاندا سايلام ئالتە ھەپتە كېچىكىدۇ
- پاكىستان پارلامېنت سايلىمى كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن
- پاكىستاندا زوراۋانلىق ۋە قان تۆكۈش ھەرىكەتلىرىدە تۆت كۈندىن بۇيان 47 ئادەم ئۆلدى
- بەنەزىر بۇتتونىڭ ئوغلى ئۇنىڭ ئىزىنى باستى
- پاكىستان دائىرىلىرى: بەنەزىر بۇتتونىڭ ئۆلۈمىدە ئەل - قائىدىنىڭ قولى بار
- سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو سۈيقەستكە ئۇچرىدى
- پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو خانىم سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى
- پاكىستاندىكى ئىككى چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەئىسلىرى بىنەزەر بوتو ۋە ناۋاز شېرىپ سۆھبەتلەشمەكچى
- ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنستىرى، پرېزىدېنت مۇشەررەپنى دېموكراتىيىگە قايتشقا چاقىردى
- پاكىستاندا ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى 'تېررورچى' دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىپلەندى









