خىتاي چايلىرى سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمىغانلىقتىن بازىرىنى يوقاتماقتا


2006.04.27

يېقىندا خىتاي يەرلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت-ئېكىسپورت سودا كېڭىشىنىڭ ئېلان قىلىشىغا قارىغاندا، خىتاي ئېكىسپورت قىلىدىغان چايلارنىڭ ئىككى چوڭ بازىرى بولغان ياپونىيە ھەمدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، خىتايدىن كىرگۈزۈلىدىغان چايلاردا خىمىيىلىك تەركىبلەرنىڭ ئۆلچەمدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ ئېكىسپورت قىلىدىغان چاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ياخشىلاش ئۈچۈن -5 ئايدىن -8ئايغىچە ئۈچ ئاي ۋاقىت بەرگەن.

خىتاي چايلىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان سۈپەت مەسىلىسى تۈپەيلى ھەتتا يېقىن ئارىدا ياپونىيە ھەمدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بازاردىن ئايرىلىپ قېلىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئېچىلغان شىنياڭ چاي مەدەنىيىتى بايرىمىدا،چاي مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى كىشىلەر،خىتاينىڭ چاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ قېتىم مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئەگەردە خىتايدا ئىشلىنىۋاتقان چايلارنىڭ سۈپىتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەركەت قىلمىغاندا خەلقارا بازاردىكى ئىناۋىتىنى9 يوقىتىپلا قالماي ھەتتا دۆلەت ئىچىدىمۇ بازاردىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي دۇنيا بويىچە ئىككى چوڭ چاي ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ بىرى ھەمدە خەلقارادىكى ئۆچ چوڭ چاي ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتنىڭ بىرى، ئەمما خىتاينىڭ زاۋۇتلىرىدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن چايلارنىڭ سۈپىتىدە ئىزچىل مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە. بۇنىڭدىن خەلقرا بازاردىلا ئىنكاسلار مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، خىتاي ئىچىدىمۇ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ شۇ سەۋەبلىك خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەنگەن چايلارنىڭ كېسەل پەيدا قىلىدىغانلىقىغا ئوخشاش ئەندىشىلەر پەيدا بولۇپ، خەلق ئۇيغۇر ئېلىدا ياكى چەتئەللەردە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن چايلارنى ئىستىمال قىلىدىغان بولۇپ قالغان.(گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.