چېچىنىيەدە پرىزدېنت سايلىمى ئۆتكۈزىلدى

چېچېنىيەلىكلەر يەكشەنبە كۈنى بۇ يىل 5 - ئايدا سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرىلگەن چېچېنىيەنىڭ سابىق موسكۋاپەرەس پرىزدېنتى ئەخمەت قادىروپنىڭ ئورنىغا يېڭى پرىزدېنت سايلاش ئۈچۈن بىلەت تاشلىدى .

نامزاتلار ئىچىدىكى چېچېنىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى ئالۇ ئالقانوپ ، كرىملېن سارىيى چېچېنىيەگە پرىزدېنت قىلىپ تىكلەشنى خالايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك نامزاتى دەپ قارالماقتا . چېچېنىيەدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ سايلامنى ھۇجۇم نىشانىغا ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەن دائىرىلەر ، چېچېنىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتىپ ، 14 مىڭ كىشىلىك ھەربىي ۋە ساقچى قىسىملارنى سەپەرۋەر قىلغان .بىلەت ساندۇقى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن ساەت 8:00 لەردە ئېچىلغان ، سايلامنىڭ نەتىجىسى دۈشەنبە كۈنى كەچلەر بىلەن مەلۇم بولۇشى مۈمكىن .شۇ كۈنى بىلەت تاشلىغىنى كەلگەن بىر ئادەم يېنىدىكى بومبىنىڭ پارتلاپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەن .

ئىلگىرىكى بەش رەھبىرىنىڭ تۆتى سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن چېچېنىيە پرىزدېنتلىقى ، دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك خىزمەت دەپ قارىلىدۇ . موسكۋانىڭ قوللىشىدىكى چېچېنىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى ئالقانوپنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قارالماقتا . پرىزدېنت نامزاتلېرىنىڭ يەنە بىرى بۇ يىل 5 - ئايدا سۇيقەست بىلەن ب ئۆلتۈرىلگەن سابىق چېچېنىيە پرىزدېنتى ئەخمەت قادىروپنىڭ ئوغلى مودى قادىروپ . بۇ قېتىمقى سايلام ، روسىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ ئىككى ئايرۇپىلانى جەنۇبىي روسىيەدە چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى . روسىيە دائىرىلىرى ئايرۇپىلان خارابىلىقىدىن پارتلاتقۇچ بۇيۇملار بايقالغانلىقىنى ، ئايرۇپىلاندىكى ئىككى چېچەن ئايال ئۈستىدىن تەكشۈرىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىنى جاكالىغان . (ئەركىن)