قوراللىق كىشىلەر رۇسىيەدىكى بىر مەكتەپنى ئىگىلىۋالدى
2004.09.01
رۇسىيەنىڭ چېچەنىستانغا يېقىن رايونىدا 17 نەپەر قوراللىق كىشى بىر مەكتەپنى ئىشغال قىلىپ، بۇ يەردىكى 200 گە يېقىن ئوقۇغۇچىنى گۆرەگە ئالدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ قوراللىق كىشىلەر بىلەن گۆرەگە ئېلىنغانغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنغان رۇسىيە ساقچىلىرى ئوتتۇرىسدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندە ئىككى كىشى قازا تاپقان ۋە 9 كىشى يارىلانغان.
ئۆزلىرىگە بومبا تېڭىپ كىرگەن بۇ قوراللىق كىشىلەر ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلغان. ھەمدە ئۇلار مەكتەپ ئەتراپىغا بومبا كۆمۈپ قويغانلىقى ھەققىدە تەھدىد سېلىپ، ئەگەر رۇسىيە ساقچىلىرى مەكتەپكە كىرىشكە ئۇرۇنسا، پۈتۈن مەكتەپنى پارتلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
رۇسىيە پرېزدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قارا دېڭىزدىكى دەم ئېلىشىنى بالدۇر ئاخىرلاشتۇرۇپ موسكۋاغا قايتىپ كېلىپ، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قانداق قۇتقۇزۇش ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلماقتا. (پەرىدە)