شامىل باسايېف ، بېسلان پاجىئەسىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى
2004.09.17
چېچەن قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ رەھبىرى شامىل باسايېف، جەنۇبىي ئوسىتىيەدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى گۆرۈگە ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
جەنۇبىي ئوسىتىيەنىڭ بېسلان شەھىرىدىكى شۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆسمۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 320 دەك ئادەم ئۆلگەن. شامىل باسايېف، چېچەن قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنى قوللايدىغان "كاۋكاز مەركىزى" ناملىق تور بېتىدە رۇسىيە پرىزدېنتىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، بېسلاندىكى گۆرۈگە ئېلىش ھەرىكىتى، موسكۋا يەر ئاستى پويىزىدىكى پارتلاش ۋەقەسى، شۇنداقلا رۇسىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەلىرىنى ئۆزلىرى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ، روسىيە پرىزدېنتىنى قوراللىق قىسىملارغا بېسلاندىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، يۇقىرىقى پاجىئەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى دەپ ئەيىبلىگەن.
بېسلاندىكى ۋەقەدىن كېيىن روسىيە ھۆكۈمىتى شامىل باسايېف بىلەن ئاسلان ماشادوفنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 10 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بىراق ئاسلان ماشادوف، بېسلاندىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېلان قىلغان. باسايېف بېسلاندىكى گۆرۈگە ئېلىش ھەرىكىتى ئۆز قوماندانلىقىدىكى شېھىتلەر باتالىيونى دەپ ئاتالغان قىسىملار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن . بۇ ئارىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىچارد ئارمىتەج ، ئەگەر شامىل باسايېف 330 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان رۇسىيە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى قىرغىنچىلىققا مەسئۇل بولسا ئۇنىڭ ھايات - ماماتىنىڭ ئەھمىيىتى تۈگەيدۇ دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە كولىن پوۋېلنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى
- ئامېرىكا 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى
- پاكىستان قىسىملىرى جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى قەبىلىلەر رايونىدا تازىلاش ئېلىپ باردى
- جاكارتادىكى ئاۋىستىرالىيە ئەلچىخانىسى سىرتىدا يۈز بەرگەن پارتىلاشتا سەككىز ئادەم ئۆلدى
- خىتاي رۇسىيە بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تەييارلاندى
- رۇسىيە چېچەن ئۆكتىچىلىرىنى تۇتۇشقا 10 مىليون دوللار مۇكاپات چىقاردى
- ئىراقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن قوراللىق كۈچلەر توقۇنۇشى داۋاملاشماقتا
- رۇسىيىدىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
- شىمالى ئوسسىتىيەدىكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش كرىزىسى قەتلىئام بىلەن ئاخىرلاشتى
- روسىيىدىكى قوراللىق كۈچلەر گۆرۈگە ئېلىنغان بىر قىسىم ئاياللار ۋە بالىلارنى قويۇپ بەردى