رۇسىيە، چېچەنىستان پىدائىيلىرىنىڭ رەھبىرى ئارسلان مەشەدوفنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى

رۇسىيە فېدېرال بىخەتەرلىك ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى چېچەنىستان پىدائىيلىرىنىڭ رەھبىرى ئارسلان مەشەدوفنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، روسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى ئارسلان مەشەدوف دەپ قارالغان كىشىنىڭ جەسىتى تارتىلغان بىر قانچە پارچە رەسىمنى كۆرسەتكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيە رايونىدىكى ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى شابالكىن، ئارسلان مەشەدوفنىڭ رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ چېچەنىستان پايتەختى گىروزنى ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ھەربىي ھەرىكىتىدە ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتمىغان. پرېزىدېنت ۋىلادېمىر پۇتىن ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى.

ئارسلان مەشەدوفنىڭ لوندوندىكى ۋەكىلىمۇ، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇ، چېچەنىستاندىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

54 ياشلىق ئارسلان مەشەدوف، چېچەنىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. ئۇ 1994 - يىلى باشلانغان چېچەنىستان ئۇرۇشىدا، گېنېرال دۇدايېف بىلەن بىرلىكتە، چېچەن پىدائىيلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، رۇسىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. رۇسىيە چېچەنىستانغا قايتا قوشۇن كىرگۈزگەندىن كىيىن، ئۇ چېچەنىستان ئىچكىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى سۈپىتىدە، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. غەرب سىياسىي كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئارسلان مەشەدوف چېچەن مۇستەقىلچىلىرى ئىچىدىكى مەسىلىسىنى سىياسىي سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىش تەرەپدارى.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئارسلان مەشەدوفنى يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن بىر يۈرۈش تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە يىتەكچىلىك قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن. (ئارزۇ)