چېچەنىستان پىدائىلىرى مۇستەقىللىق كۈرىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

چېچەنىستان پىدائىلىرىنىڭ رەھبىرى ئارسلان مەشەدوف رۇسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، چېچەنىستان پىدائىلىرى چارشەنبە كۈنى ئارسلان مەشەدوفنىڭ ۋاپاتى بەدىلىگە رۇسىيىگە قارشى مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

رۇسىيىنىڭ فېدېرال بىخەتەرلىك ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى ئارسلان مەشەدوفنىڭ، ئۇلار تولستوي يۇرت شەھىرىدە ئېلىپ بارغان ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكىتىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلاپ، بۇنىڭ رۇسىيىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا توغرا يولنى بېسىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

رۇسىيە دائىرلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، رۇسىيە ئالاھىدە ئەترىتى سەيشەنبە كۈنى مەشەدوف يوشۇرۇنغان ئۆيگە بۆسۈپ كىرىپ، ئۆينىڭ ئىگىسى يەنى مەشەدوفنىڭ يىراق تۇققىنىنى تۇتۇپ چىققان ھەمدە ئۇنىڭدىن مەشەدوفنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىغىنىدا، ئۇ كىشى قارشىلاشماستىنلا مەشەدوفنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

رۇسىيە ۋەكىلى مەشەدوف بىلەن بىرەر سائەتچە سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئارسلان مەشەدوف تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغان. ئاندىن رۇسىيە ئالاھىدە ئەترىتى مەشەدوف تۇرۇشلۇق جايغا 4 دانە گىرانات تاشلىغان.

ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تولستوي يۇرت شەھىرىدىكى ئاھالىلەر ۋەقە يۈز بەرگەندە بوش پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغانلىقىنى ھەمدە مەشەدوفنىڭ پارتلاشتا ئۆلگەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى، مەشەدوفنىڭ جەسىتىدە پارتلاشقا ئۇچرىغاندەك زەخمىنىلىشلەر كۆرۈلمىگەن.

ئارسلان مەشەدوفنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەخمەد زاكايېف چارشەنبە كۈنى مەشەدوفنىڭ ھەقىقەتەن قازا قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ، مەشەدوف ھايات بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ رۇسىيىگە قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (پەرىدە)