چېچەن مىلىتارىستى شامىل باسايېۋ ئۆلتۈرۈلدى

رۇسىيە دائىرىلىرى چېچەن مىللىتارىستى شامىل باسايېۋنىڭ رۇسىيە ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن جەنۇبىي ئىنگۇشىيىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدىرال دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىكولاي پاترۇشېۋ دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، شامىل باسايېۋنىڭ رۇسىيە ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق كەچلىك ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى دوكلات قىلغان.

باسايېۋ، 2004 - يىلى شىمالىي ئوسسىتىيىنىڭ بېسلان شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋە مەكتەپتىكى مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۆسمۈرلەرنى ئاساس قىلغان 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قانلىق پاجىئەگە مەسئۇل بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. بۇنىڭ ئالدىدا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر جەنۇبىي ئىنگۇشىيىنىڭ نازاران رايونىدا دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بومبا قاچىلانغان بىر ماشىنىنىڭ پارتلاپ كەتكەنلىكى ۋە 4 نەپەر رادىكال ئۈنسۈرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. لېكىن باسايېۋنىڭ ئۆلۈمى نازاراندىكى پارتلاش بىلەن ئالاقىدار ياكى ئەمەسلىكى ئېنىقلانمىدى.

باسايېۋ 2 قېتىملىق چېچەن - رۇسىيە ئۇرۇشىدا 1995 - يىلى جەنۇبىي رۇسىيىنىڭ بوديۇۋېنسكىي شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىنى گۆرۈگە ئېلىشقا يىتەكچىلىك قىلغان ۋە 2002 - يىلى موسكۋادىكى بىر تياتىرخانىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. ئۇ، 1997 - يىلى بىر مەزگىل چېچەن ئىچكەرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. (ئەركىن)